خىتاي خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى بازارغا سالدى

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقان خىتاي دۇنيا ساياھەت بازىرى كۆرگەزمىسىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى يەنە بازارغا سالدى.

2024-يىللىق لوندون ساياھەت بازىرى كۆرگەزمىسى 5-نويابىردىن باشلاپ لوندون كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئاچقان ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پەردازلىغان.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر ساياھەت كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقات فىلىملىرىنى، لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ خاتىرجەم، باياشات ياشاۋاتقانلىقى، تۈرلۈك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، تۈرلۈك ساياھەت نۇقتىلىرىنى، مۇزېيلارنى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مەزكۇر چەكلىك ئورۇنلاردا زىيارەت قىلدۇردى. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور مىقداردا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە.

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق ساياھەت پائالىيەتلىرى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە ساياھەت قىلىدىغان مۇلازىمەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ساياھەت شىركەتلىرى بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ساياھىتى مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 2891 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2024 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق