خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە، خەلق ئىچىدىكى خىتايغا سېتىلغان، سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ساختا تەشۋىقاتنى ئۈچۈنمۇ قوللانماقتا.
شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن خىتايغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىگەن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن قورچاق ئەمەلدار مەمەتجان ئۆمەر باش تېما قىلىنغان بىر دىراما خىتاي تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئۈرۈمچىدە قويۇلۇشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ قولچومىقى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ئاساسەن تەييارلانغان «مېنىڭ بۇلۇقايىم» ناملىق دىراما 2-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى «سەنئەت تىياتىرخانىسى»دا تۇنجى قېتىم قويۇلغان.
خەۋەردە ئۇنىڭ غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇش ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن دوست دېمەستىن، پارىخورلۇققا قارشى تۇرغانلىقى، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغانلىقى، ئاممىغا يار-يۆلەك بولغانلىقى دەۋا قىلىنغان. ھالبۇكى، مەمەتجان ئۆمەرنىڭ خىتاينى ئەڭ رازى قىلغان خىزمىتى بولسا 1997-يىلى 5-فېۋرالدا يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
مەمەتجان ئۆمەر بۇرۇن غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتايغا جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، بولۇپمۇ 5-فېۋرال قەتلىئامىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن.
مەمەتجان ئۆمەر 1996-يىلىنىڭ بېشىدا يېزىدىكى بىر قىسىم ياشلارنىڭ دائىم يىغىلىش قىلىۋاتقانلىقىنى، يىغىلىشقا تەشكىللىگۈچىنىڭ باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە ئۇلارنى «مەشرەپ باھانىسىدا دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك سۆزلىرىنى تارقاتقان» دەپ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىغا چېقىپ قويغان. 1997-يىلى 26-ئىيۇن كەچتە مەمەتجان ئۆمەر كەنت قورۇسى ۋە كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلىلىرىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تاشلانغانلىقىنى بايقىغان ۋە دەرھال يېزا كادىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى باشقىلار كۆرۈپ بولغۇچە يىغىۋالغان. بۇ سەۋەبلىك، غۇلجىدىكى 5-فېۋرال ھەرىكىتىگە بۇلۇقاي كەنتىدىن ھېچكىم قاتنىشالمىغان.
ئۇ باشتىن-ئاخىر خىتايغا سادىق بولۇشى نەتىجىسىدە، «2015-يىلىدىكى خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر»نىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 2021-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوردېنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكى ھېسابلىنىدىغان، پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىگە ئالاھىدە سادىق كىشىلەرگىلا بېرىلىدىغان «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ سۈپەتلەنگەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خىتاينىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تاللانغان.
خىتاينىڭ ساختا ھېكايىلەر، توقۇلما ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلانغان بولۇپ، كىنو-فىلىم، دىراما، ئېتۇت ۋە تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى، غەمگۈزارى قىلىپ تەسۋىرلەپ، تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.