خىتاي مېتا شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى ئۆزگەرتىپ، ھەربىي ساھەگە ئىشلەتكەن

سۈنئىي ئەقىل تېخىنىكىسى پۈتۈن دۇنيادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان ۋە مەزكۇر تېخنىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېتا (Meta) شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى ئۆزگەرتىپ، ھەربىي ساھەگە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا تەتقىق قىلىپ چىققانلىقى ئاشكارىلاندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا چېتىشلىق خىتاي ئالىي تەتقىقاتچىلىرى فېيسبۇكنىڭ ئانا شىركىتى بولغان مېتا شىركىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن «Llama» سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ھەربىي ساھەدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.

بۇ يىل 6-ئايدا ئالتە خىتاي تەتقىقاتچى بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، مېتا شىركىتى ئېلان قىلغان «Llama» سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئارقىلىق، ئاتالمىش «ChatBIT» سۈنئىي ئەقىل مودېلى ياساپ چىقىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر ئالتە تەتقىقاتچى تەۋە ئۈچ ئورگاننىڭ ئىككىسى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق ئىكەن.

خىتاي تەتقىقاتچىلار مېتا شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆز سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق، ھەربىي ئىشلارغا مەركەزلەشكەن بىر سۈنئىي ئەقىل مودېلى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا ۋە رەتلەشكە، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنىڭ بېكىتىلىشىنى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ سىستېمىلىق ھالدا ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تۇنجى ئېنىق دەلىل-ئىسپات ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مېتا شىركىتى بۇندىن ئىلگىرى Llama غا ئوخشاش كۆپلىگەن سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئىشلىتىلىشىگە مەلۇم چەكلىمىلەرنى قويغان. جۈملىدىن بۇ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى ھەربىي، ئىستىخبارات، يادرو قورالى قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. ئەمما بۇ قائىدە-نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى چەكلىك بولغان.

خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ھەربىي ساھەگە ئىشلىتىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ يەنىلا بۇنىڭغا قارشى قەدەم بېسىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 2717 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2024 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق