خىتاي تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچىمەكتە

خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك، خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ۋە بىر قىسىم جازالارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي شىركەتلىرىنى، زاۋۇتلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى 2-نويابىر مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچى كەلگەن بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغان.

ما شىڭرۈي ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىگەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە، خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش، ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن جەمئىي 72 خىتاي كارخانىسى بارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى يەنە بىر قىسىم شىركەت-كارخانىلاردا، ئورگانلاردا زىيارەت قىلدۇرىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش سەۋەبلىك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان يىدا گۇرۇھىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى.

بۇ خەۋەر 3680 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2024 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق