خىتاي ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئاچقان مۇزېيغا خەلقئارالىق مۇكاپات بېرىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى»دەك سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان مۇزېيغا خەلقئارالىق مۇكاپات بېرىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ميۇس (MUSE) لايىھە ئالتۇن مۇكاپاتى خىتاي بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا ئاچقان كۇچا يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىغا بېرىلگەن. مەزكۇر مۇكاپاتنى ئامېرىكا مۇزېيلار ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە تارقىتىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزكۇر مۇزېيغا 1700 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قەبرىستانلىقنى نامايەن قىلغانلىقى ۋە قەدىمىي تارىخ بىلەن زامانىۋى لايىھەنى بىرلەشتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك مۇكاپات بېرىلگەنلىكى دەۋا قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق مۇكاپات ئورگىنىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش، يوقىتىش جىنايەتلىرىگە ماسلاشقان بۇ ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

خىتاي بۇ يىل ئوتتۇرىدا كۇچا يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىنى ئېچىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي قەدىمىي قەبرىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى ئىلمىيلىككى زىت ھالدا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر قەبرىستانلىقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىن بېرى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن باغلانغان، ئۆز ئارا يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت ئىكەنلىكى، تارىختا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى رايونلاردا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىيە خەلقلەر ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ياشىغانلىقى»دەك نومۇسسىزلارچە سەپسەتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانىدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن مۇزېيلارنى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى يوشۇرۇش، ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۆچۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەسچىتلەر، مەدرىسە-خانىقالار، مەقبەرىلەر، مازارلىقلار خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلماقتا، ۋەيران قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 3120 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2024 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق