خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتكە ھاقارەت قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان دىنىي باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئون مىڭلىغان مەسچىت ۋەيران قىلىنغانىدى. ئالدىنقى كۈنلەردە بىر نەچچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان مەلۇم مەسچىتتىكى ھاقارەتلىك قىلمىشلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بىر سىن ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، بىر نەچچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر مەسچىتتە ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىندا قىسقا، ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئىككى خىتاي ئايالنىڭ كەچ ۋاقتىدا مەلۇم بىر ئۇيغۇر مەسچىتىگە ئاياغلىرى بىلەنلا كىرگەنلىكى، بىرسىنىڭ مېھرابتا ئولتۇرۇۋالغانلىقى، ئىككىسى كۈلۈشكىنىچە مەسخىرە تەرىقىسىدە قىسقا دىراما ئورۇنلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ئوچۇق، يەرگە گىلەم ۋە جاينامازلار سېلىنغان، ئەمما خىتايلاردىن باشقا كىشى يوق بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ، مۇخبىرلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان ساناقلىق مەسچىتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

بۇ قىسقا سىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا، ئوخشىمىغان تىللاردا كۆپلەپ تارقىتىلدى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈز مىڭ قېتىم كۆرۈلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرىقىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، نوپۇزلۇق دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. بىر قىسىم مەسچىتلەر ساياھەت ئورنى، چايخانا، مەيخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى.

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان چەكلىك سىنلاردىمۇ خىتايلارنىڭ مەسچىتتە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقى، بەزى مەسچىتلەرنىڭ توخۇ باقىدىغان جايلارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى. ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىماقتا.

بۇ خەۋەر 4208 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2024 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق