ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىماقچى

خىتاينىڭ رايوندىكى تەھدىتى ۋە زومىگەرلىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» تۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل 1-نويابىردىن باشلاپ ياپونىيە ۋە كورىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېشى ئىۋايا بىلەن تۇنجى قېتىم «ياپونىيە-ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى» ئۆتكۈزىدىكەن.

ياپونىيەنىڭ كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ياپونىيە-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.

كېلىشىم لايىھەسىدە ياۋروپا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئۆزئارا تايىنىشچانلىقى تەكىتلەنگەندىن سىرت، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يىللىق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە دىيالوگى ئورنىتىش، ياپونىيە قوغدىنىش قىسىملىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسى بىرلىكتە بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. بۇلاردىن سىرت، بۇ كېلىشىم ياپونىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ رايوندا زومىگەر بولۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەتراپتىكى رايونلاردىن قوغلاپ چىقىرىش نىيىتىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى قاتناش، دىپلوماتىيە ۋە دېڭىز ئالاقە لىنىيەسىنىڭ خەلقئارالىشىشى جەھەتتىن ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

بۇ خەۋەر 2951 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2024 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق