پاكىستان خىتايغا تۇنجى قېتىم كۈتۈلمىگەن ئىنكاس قايتۇردى

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يېقىن شېرىكى بولۇپ كېلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتى كۈتۈلمىگەن ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ زەيدۇڭ بۇ ھەپتە ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. گەرچە خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇشى دىققەت قوزغىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇمتاز بەلۇج (Mumtaz Baloch) قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا بۇ توغرۇلۇق ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئەنئەنىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئىزچىل كۈچەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەنقىدىگە قارشى ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرۇشىمۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال ئىكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ۋە كۆپلىگەن خىتايلارنىڭ ئۆلۈشى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقان خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. بۇ ھۇجۇملارغا مەسئۇل بولغان بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى خىتاينىڭ رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرى ۋە باشقا مەبلەغلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 3084 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2024 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق