ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان يىدا گۇرۇھىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىدى.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-ئۆكتەبىر خوڭكوڭغا جايلاشقان يىدا گۇرۇھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئالاقىدار گۇاڭدۇڭ يىدا توقۇمىچىلىق سانائىتى، تۇرپان يىدا توقۇمىچىلىق سانائىتى ۋە سانجى يىدا توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى دائىرىسىدىكى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە سانجى يىدا توقۇمىچىلىق سانائىتى بۇندىن ئىلگىرىلا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان يىدا گۇرۇھى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئىزچىل ئەيىبلىنىپ كەلگەن. يىدا گۇرۇھى يەنە نايك، Tommy Hilfiger قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بۇرۇنقى تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش سەۋەبلىك، نايك قاتارلىق شىركەتلەر يىدا گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ۋاز كەچكەن.
سانجى يىدا توقۇمىچىلىق شىركىتى 2020-يىلىدىلا ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، قايتىدىن مەزكۇر قانۇن دائىرىسىدىكى جازا تىزىملىكىگە قوشۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا يىدا گۇرۇھى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغانىدى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى، خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بۇ يىل ماي ئېيىدا تۇيۇقسىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىمۇ، ئاتايىن سانجى يىدا توقۇمىچىلىق شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.