ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى TEMU نى تەكشۈرمەكچى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىتاينىڭ تور سودا سۇپىسى TEMU ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلايدىغان بولۇپ، سېتىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلايدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى قانۇنىغا ئاساسەن، 11-ئۆكتەبىر خىتاي شىركىتى TEMU دىن ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ۋە جاۋاب قايتۇرۇش ئاخىرقى چېكىنىڭ 21-ئۆكتەبىر ئىكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن كېيىنكى باسقۇچنى بېكىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى پات يېقىندا خىتاي شىركىتى TEMU غا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلايدىكەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە TEMU تەرەپ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

TEMU بولسا خىتايدىكى تور سودا سۇپىسى پىندودونىڭ چەت ئەل نۇسخىسى بولۇپ، سېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەرزان بولۇشى سەۋەبلىك، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئاساسلىق تور سودا سۇپىسىغا ئايلىنىشقا باشلىغان. ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، TEMU كۈچلۈك تەنقىدكە ۋە قارشىلىق سادالىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى گۇگۇل ۋە ئالما شىركىتىدىن Temu  نى ئەپ بازىرىدىن چەكلەپ، ھىندونېزىيە ئابۇنىتلىرىنىڭ چۈشۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى ۋە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

بۇ خەۋەر 2763 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2024 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق