خىتاي قەشقەر ۋىلايىتىدە يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقىنى قوغداش» قاتارلىق سىياسەتلەرنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى» 28-ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايىتىدە يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنىڭ «شاھمات كۆزى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مەزكۇر يىغىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن ۋە قەشقەر ۋاىلايىتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا ئېچىلىشى دىققەت قوزغىدى.
يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان بولۇپ، يىغىندا يەرلىك نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئالاقىدار ئىبارىلەر تەكىتلەنگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى داۋاملىق تەكرارلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.