ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا %35 تىن ئارتۇق قوشۇمچە تاموژنا قويۇش قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇزۇن مەزگىللىك تەييارلىق ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىشتەك ئادىل بولمىغان سىياسىتىنىڭ ياۋروپا شىركەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىدە بىر قارارغا كەلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 29-ئۆكتەبىر خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا %35.3 كە يېتىدىغان قوشۇمچە تاموژنا قويۇش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر قارارنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇددىتى بەش يىل ئىكەن.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا، 10 دۆلەت قوللىغان، 5 دۆلەت قارشى چىققان، 12 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بىلەن ۋېنگىرىيە قاتتىق قارشى تۇرغان، فىرانسىيە بولسا قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، خىتاينىڭ بىيادى، جېلى قاتارلىق ئاپتوموبىللىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلۇپلا قالماي، ئاپتوموبىللىرىنى خىتايدا ئىشلەپچىقارغۇزغان چەت ئەل شىركەتلەردىنمۇ قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىكەن.
مەزكۇر قارار خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتاينىڭ بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى دەۋا قىلىندى.