ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي خاككېرلىرى تىرامپنى نىشانلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يانفون سانلىق مەلۇماتلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 29-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەر خىتاي خاككېرلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت، نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد تىرامپ ۋە ئۇنىڭ سايلام شېرىكى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جامىس داۋىد ۋانس ئىشلەتكەن يانفوندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى نىشانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر قايسى ئالاقە ئۇچۇرلىرىنىڭ تېلېگراف سىستېمىسىغا مۇرەككەپ سىڭىپ كىرىش نەتىجىسىدە ئوغرىلانغان ياكى كۆزىتىلگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتىكەن. بۇ مەسىلە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئىنتايىن سەزگۈر دۆلەت بىخەتەرلىك دېلوسى بولغاچقا، مەزكۇر كىشىلەر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىشلىتىدىغان يانفون ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىستىخبارات خادىملىرىغا نىسبەتەن «ئالتۇن كان» ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، كىمگە تېلېفون قىلغانلىقى، كىمگە ئۇچۇر يوللىغانلىقى، كىشىلەر بىلەن قانچە قېتىم ئالاقىلاشقانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار خىتايغا ئوخشاش رەقىبلەر ئۈچۈن قىممەتلىك مەلۇمات ئىكەن. ئەگەر خاككېرلار ئۇنى ۋاقتىدا كۆزىتەلەيدىغان بولسا، بۇ ئالاقە ئۇچۇرلىرى تېخىمۇ پايدىلىق ئامىلغا ئايلىنىدىكەن.
ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەپتە تىرامپ ۋە ۋانسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېلېفونى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ۋېرىزون تېلېفون سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.
دېموكراتچىلار پارتىيەسىمۇ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ نازارەت ئوبيېكتى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋە يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت نامزاتى كامالا ھارىسنىڭ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدىكى خىزمەتچىلەر، شۇنداقلا پارلامېنت بىناسىدىكى كۆپ سانلىق ئەمەلدارلار ۋە نىيۇيورك كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر قاتارلىق داڭلىق شەخسلەرمۇ بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ