خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 28-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا نوپۇس ئۇدا ئىككى يىل ئازىيىپ، تۇغۇش نىسبىتى 2023-يىلى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28-ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باش ئىشخانىسى «تۇغۇشنى قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش ۋە دوستانە جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر قانچە تەدبىرلىرى» تېمىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە بەش چوڭ تەدبىر ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەدبىرلەر بولسا ئومۇمىي تەلەپ، تۇغۇت مۇلازىمىتىگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىش، بالا بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مائارىپ، تۇرالغۇ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ساھەدە قوللاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ۋە بالىلارغا پايدىلىق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش قاتارلىقلار ئىكەن.
ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسى، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالىلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ۋە داۋالاش مەنبەلىرىنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي رېجىمى يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتىگە خامچوت تۇرغۇزۇشقا ۋە ئۇلارغا باجدا ئېتىبار قىلىشقا چاقىرغان.
تۇغۇشقا ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش تەدبىرلىرىدە بولسا ھەر خىل ئاخبارات قاناللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش، نوپۇس ۋە تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، نوپۇس سىياسىتى توغرىسىدىكى مائارىپنى كۈچەيتىش، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق كۇرس مائارىپىغا بىرلەشتۈرۈش، نوپۇسنى كۆپەيتىش تەشۋىقاتىغا ئالاقىدار كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، سەھنە تىياتىرلىرى ۋە تور ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېلانى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىشىنى ئاشۇرۇش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقاتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي 2015-يىلى 35 يىل قاتتىق ئىجرا قىلغان بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەر بىلەن بالدۇر توي قىلىشقا، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بولمىغان.
ھالبۇكى، خىتاي ئۆز نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2021-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس يوقىتىش جىنايىتى نەتىجىسىدە، تۇغۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ