ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر قىسىم تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاينىڭ بەزى سەزگۈر تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغان نىزامنامە ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 28-ئۆكتەبىر پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇلتۇر ئىمزالىغان 14105-نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇققا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى نىزاملارنى ئېلان قىلغان. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ بەزى سەزگۈر تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىكەن.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت بايدېن ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھارىس رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىدا مۇھىم بولغان نۇقتىلىق ھەربىي تېخنىكىلارنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. مالىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە ئېلان قىلغان ئاخىرقى نىزامدا مەشغۇلات بەلگىلىمىلىرى، مۇددىئاسى ۋە قوللىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلگەن.

مەزكۇر نىزام ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكىغا جىددىي دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كېلىدىغان، ئېنىق بېكىتىلگەن بىر يۈرۈش تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارغا چېتىشلىق ساھەدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەيدىكەن. نىزامنامىدە يەنە ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇش ئېھتىماللىقى ئېنىق بولغان ھەر قانداق سودىنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا ئۇقتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇلتۇر 9-ئاۋغۇست پىرېزىدېنت بايدېن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ مەبلىغىنىڭ خىتاينىڭ بەزى سەزگۈر تېخنىكا رايونلىرىغا ئېقىشىنى چەكلىگەنىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئامېرىكا كاپىتالى ۋە تەجرىبىسىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشقا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2236 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2024 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق