خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي 26-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە 2-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈپ، جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى گۈللەپ ياشنىدى» باش تېمىسىدىكى 2-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۈرۈمچىدىكى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن كەلگەن 11 مۇتەخەسسىس قاتناشقان ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلىغان.

مۇنبەردە ئاتالمىش «ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇش، يالغان-ياۋىداق سۆز، بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارشى تۇرۇشنى ئىلمىي مەدەت بىلەن تەمىنلەش» مەقسەت قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى قوغدالغانلىقى، بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ خىتايغا قارا چاپلىغانلىقى قاتارلىق سەپسەتىلەر قايتا تەكرارلانغان.

خىتاي بۇلتۇرمۇ سېنتەبىر ئېيىدا ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى»نى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۈللىنىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ باياشات ياشاۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدە جار سالغانىدى.

خىتاي بۇ خىل يىغىن، پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ تەشكىللەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپلا قالماي، ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، مىللىي مائارىپى، ئەدەبىيات-سەنئىتى چەكلەنمەكتە، ۋەيران قىلىنماقتا، يوقىتىلماقتا.

بۇ خەۋەر 4075 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2024 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق