شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ياشلار يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

26-، 27-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ياشلار باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، ياشلار خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى 27-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى رولى ھەققىدە توختالدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر يىغىننىڭ تەشكىللىنىشىگە ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، يىغىن ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ياش رەھبەرلەرنى بىر يەرگە توپلاپ رايون مەسىلىسى، رەھبەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئېڭىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 3285 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2024 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق