خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۆمەك ئەۋەتىپ جىنايەتلىرىنى پەردازلىماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم دۆلەتلەردىن تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يالغان سەھنىلەرنى زىيارەت قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۆمەك ئەۋەتىپ، ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سالماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 15-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» سىنگاپور، مالايشىيا، ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرىگە بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلىغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئۆمىكى بۇ جەرياندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقى، دىنلارنىڭ ئىناق، رايىشلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆمىكى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك كونا سەپسەتىلەرنى تەكرارلىغان.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي ئۆمىكىدە خىتايغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زىلمىرە ئەنۋەر قاتارلىق ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، باشقا خىتاي ئەمەلدارلار ۋە ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلىغان. ئۇلار بۇ قېتىملىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى نۇقتىلىق نىشانلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى، تەشكىلاتلارنى قارىلىغان.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە چەت ئەلگە قاراتقان ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى جىددىي كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك كۆرگەزمىلەر، مۇھاكىمە يىغىنلىرى، لېكسىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەنقىد ئاۋازلىرىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 2101 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2024 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق