خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ شوئارلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» ئىبارىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 21-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغان. ۋاڭ خۇنىڭ بۇ جەرياندا: «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى تولۇق، ئەتراپلىق كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، كۈچلۈك بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يەنە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ رولىنى تەكىتلەپ، ئاتالمىش دىۋىزىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دىۋىزىيەنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

ۋاڭ خۇنىڭ زىيارىتىدە خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، خوتەن ئىنستىتۇتى، خوتەن شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يېزىسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» سانائەت ئىنستىتۇتى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇ يەنە لوپ ناھىيەسىدىكى راۋاق بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسىنى زىيارەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ خۇنىڭ بۇلتۇر 22-مايدىن 24-مايغىچە بولغان ئارىلىقتىمۇ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىمۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش، مىللەت، دىن خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەش، بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش» قاتارلىق تېررور سىياسىتىنى تەكىتلىگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ خۇنىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى»نى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىزچىل ئىجرا قىلىشقا ئىشارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم قەشقەر ۋە خوتەنگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلەرنى نۇقتىلىق زىيارەت قىلىشنىڭمۇ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3869 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2024 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق