ئۇيغۇر قىز خىتايپەرەس دوغۇ پېرىنچەكنى مات قىلدى

ئۇيغۇر قىز نەفىسە ئوغۇز 24-ئۆكتەبىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا خىتايپەرەس، كوممۇنىست سىياسەتچى دوغۇ پېرىنچەكنى يىغىن ئەھلى ئالدىدا مات قىلدى.

يىغىننى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى «ئاتاتۈرك مەپكۇرىسى كۇلۇبى» تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈركىيەدە خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچەك يىغىندا سۆز قىلغان. ئۇ تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئىشىنىشى، تايىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سەپسەتە ساتقان بولۇپ، پېرىنچەكنىڭ يالغان سۆزلىرى ئۇيغۇر قىز نەفىسە ئوغۇزنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن. ئۇ جۈرئەتلىك ھالدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تاغىسىنىڭ سەۋەبسىز 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايغا قانداق ئىشەنگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال قويغان.

كۈتۈلمىگەندە ئۇيغۇر قىزنىڭ رەددىيەسىگە دۇچ كەلگەن دوغۇ پېرىنچەك بەزىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە يالغان تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ قېتىم بارغانلىقى، ھېچقانداق زۇلۇم كۆرمىگەنلىكى ھەققىدە بىلجىرلىغان. نەفىسە پېرىنچەكنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋابەن ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى، تۈرلۈك زۇلۇم، باستۇرۇشلارنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە: «كىمنىڭ يالغان تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق» دېگەننى قوشۇپ قويغان. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى دوغۇ پېرىنچەكنى كۈچلۈك مىسال، ئىخچام جۈملىلەر ئارقىلىق ئەدەپلىگەن نەفىسەنىڭ جۈرئىتىگە گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتقان.

نەفىسە ئوغۇزنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇلكەرىم 2017-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، 17 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭغا چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ۋە چەكلەنگەن دىنىي تەبلىغلەرنى ئاڭلىغانلىقى سەۋەبىدىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. نەفىسە ئوغۇز ھازىرغا قەدەر تاغىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن.

دوغۇ پېرىنچەك يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ: «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى» دەپ بىلجىرلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق كەسپىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان نەفىسە ئوغۇز يىغىننىڭ ئېچىلىش خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يىغىنغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان. ئۆزىنىڭ قارارى بويىچە يىغىندا دوغۇ پېرىنچەكنىڭ قارشىسىدا يۈز تۇرانە تۇرۇپ، مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ۋە پېرىنچەكنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇيغۇر قىز نەفىسەنىڭ خىتايپەرەس سىياسەتچى ئالدىدىكى جۈرئەتلىك ئىپادىسى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقالدى.

دوغۇ پېرىنچەك يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە قاتتىق خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ماس قەدەمدە ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «تېررورچى، ئەسەبىي» دەپ تۆھمەت چاپلاپ تەشۋىق قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2931 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2024 12:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق