خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تالاش-تارتىشتىكى ئىككى ئورۇندىن چېكىنىشكە باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى 25-ئۆكتەبىر ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئىككى جايدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا تۆت يىل داۋاملاشقان جىددىي تىركىشىشنىڭ ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش داۋام قىلىۋاتقان چېگرا رايونلىرىدا چارلاش ۋاقتى ۋە چېگرا چارلاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ بۇ چارشەنبە رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشىغا سەھنە ھازىرلىغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئەمەلدارى كېسەك ئالتۇن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا يۈز تۇرانە ئۇچراشقان. بۇ شى جىنپىڭ بىلەن مودىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشى بولۇپ قالغان.
بۇ ئىشتىن خەۋەردار، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ھىندىستان ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ لاداخنىڭ شەرقىدىكى دېپساڭ ۋە دېمچوك ئويمانلىقىدىن يۆتكىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر رايون شەرقىي تۈركىستان، تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش مەۋجۇت بولغان ئاخىرقى ئىككى يەر ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ توغرىلىق ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئەسكەر چېكىندۈرۈلدى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ