ھىندونېزىيە خىتاي پاراخوتىنى تالاش-تارتىشتىكى رايوندىن ئىككى قېتىم قوغلاپ چىقارغان

ھىندونېزىيەنىڭ مۇھاپىزەت قىسىملىرى خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتىنى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئىككى قېتىم قوغلاپ چىقارغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 24-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوندىن ئىككى قېتىم قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ھەرىكەت ھىندونېزىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدا خىتايغا قاراتقان ئەڭ يېڭى قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەن.

گەرچە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ھىندونېزىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ۋەقە ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پىرابوۋو سۇبىئانتو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە كۈن كېيىنلا يۈز بەرگەن. خىتاي پاراخوتلىرى قوغلاپ چىقىرىلغان رايون ناتۇنا ئارىلىغا يېقىن بولۇپ، خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدىن 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.

ھىندونېزىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ چارشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم شىمالىي ناتۇنا دېڭىزىدىكى ھىندونېزىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ۋە ئىككى قېتىم «Geo Coral» ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتىغا يېقىنلىشىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى نېفىت شىركىتى پېرتامىنانىڭ دېڭىز رايونىدا يەر تەۋرەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈشىگە كاشىلا پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «ھىندونېزىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى توستى. ئەمما مەزكۇر پاراخوت ھىندونېزىيە مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئاخىردا ھىندونېزىيە پاراخوتى خىتاي پاراخوتىنى رايوندىن قوغلاپ چىقاردى» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2156 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2024 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق