خىتاي ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىپ كۆز بويىدى

خىتاي ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈچ كۈنلۈك «زىيارەت» قىلدۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 15-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق شەھەلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېيى»، خەلقئارا چوڭ بازار، بىر قىسىم شىركەتلەر، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى» ۋە باشقا ساختا مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاخبارات ۋەزىرى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئەمىر خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق، ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ: «خىتاي شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ھۆرمەتكە ۋە كېڭەيتىشكە ئېرىشىپتۇ» دېگەن.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا. خىتاي بۇ جەرياندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەندى، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىن ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولىغان نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتىكەن. نەچچە يۈز مىڭ ياشلار، ئەرلەر ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى يېتىم قالغان، ئائىلە ئەزالىرى يالغۇزلۇق ئازابىنى چەكمەكتىكەن. نۆۋەتتە خىتاي تۈرمە ۋە لاگېرنىڭ سىرتىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خۇددى ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلغاندەك كونترول قىلغان. مەلۇم بىر شەھەرگە چەت ئەلدىن زىيارەتچى كەلگەن ھامان شەھەر سىرتىدا ئورنىتىلغان توسۇقلاردىكى خادىملار زىيارەتچى كەلگەنلىكى ھەققىدە يەرلىك ئەمەلدارلارغا دەرھال ئۇچۇر قىلىدىكەن. يەرلىك ئەمەلدارلار ئالدى بىلەن تاقالغان مەسچىتلەرنى ئاچىدىكەن، ئارقىدىن ناماز ئوقۇشقا ھېچقاچان رۇخسەت قىلىنمىغان كەنت ئاھالىلىرىنى مەسچىتكە بېرىشقا تەشكىللەپ، مۇسۇلمانلارنى ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن. مۇخبىرلار ياكى زىيارەتچىلەر يالغان مەيداننى كۆرۈپ قايتقاندىن كېيىنلا، ھەممە ئىش ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ مەسچىت تاقىلىدىكەن. ناماز ئوقۇش قاتارلىق بارلىق دىنىي پائالىيەت ۋە ئىبادەتلەر چەكلىنىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ناملار بىلەن چەت ئەل ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا سەھنە، مەيدانلارنى «زىيارەت» قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4216 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2024 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق