شىمالىي كورىيەنىڭ رۇسىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشى خىتايدا ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە مۇناسىۋىتى خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
نىيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي بىلەن شىمالى كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ «لەۋ بىلەن چىش» دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئەمما بۇ قېتىم شىمالى كورىيەنىڭ رۇسىيەگە نەچچە مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش قارارى ئىلگىرىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خىرىسقا دۇچار قىلغان. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بۇ ھەپتە ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىروگراممىسى ۋە ئاندا-ساندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جەنۇبىي كورىيەنى يوقىتىش تەھدىتى شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شىمالى كورىيەنىڭ ھەرىكىتى خىتاينى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. شىمالى كورىيە ياۋروپادا ئۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا تەرتىپى ۋە خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى غەربكە قارشى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەھەتتە خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئەنسىرەيدىغان يەنە بىر مەسىلە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ رۇسىيە شىمالىي كورىيەنىڭ ئەسكەر چىقىرىشى بەدىلىگە شىمالىي كورىيەنى ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشى ئىكەن. بۇ ئەھۋال شىمالى كورىيەنىڭ جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيەگە قارشى تېخىمۇ جۈرئەتلىك ھالدا تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىمالى كورىيە خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى ياردىمىگە تايىنىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ خەلقئاراغا يېپىق بولغان بۇ دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ