شى جىنپىڭ خىتاي ئاكادېمىكلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بىر قىسىم ئاكادېمىكلار ئىشتىن بوشىتىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىگە قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىقتىساد ۋە باشقا سەزگۈر تېمىلاردىكى مۇنازىرىلەر بېسىقتۇرۇلۇپ، بىر قىسىم ئاكادېمىكلار ئىشتىن بوشىتىلغان، ھەتتا يوقاپ كەتكەن.
2022-يىلى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى پارتلىغاندا خىتاي رېجىمىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى خۇ ۋېي بېيجىڭنى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ بۇ مەيدانى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىگە زىت بولۇپ، تور دۇنياسىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇ ۋېي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان داڭلىق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشقا مەجبۇرلانغان.
بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ ۋېي بۇلتۇر 59 يېشىدا شاڭخەيدىكى پارتىيە مەكتىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا پېنسىيەگە چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدىكى باھاسى خەلقئارالىق تاراتقۇلار تەرىپىدىن كەڭ-كۆلەمدە خەۋەر قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچىلار باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغان. خۇ ۋېيمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ