شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن ياپونىيە ۋە كورىيەگە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆمەك باشلاپ، 14-ئۆكتەبىردىن 19-كۈنىگىچە ياپونىيە ۋە كورىيەنى زىيارەت قىلغان.
خىتاي ئۆمىكى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «رەڭدار شىنجاڭ» تېمىسىدىكى تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
زىيارەت جەريانىدا نۇرلان ئەبىلمەجىن: «شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت سىجىل مۇقىم بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل-رايىش بولۇۋاتقانلىقىدەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى» دەپ بىلجىرلىغان.
مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋ، كورىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى فاڭ كۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.
مەزكۇر ساختا تەشۋىقات پائالىيىتى بەش كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، سېئۇلدىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى يۈزگە يېقىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» باش تېما قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى پەردازلانغان فوتو سۈرەتلەرنى توردا ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمە قىلغاندىن باشقا، تۈرلۈك ساختا تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي نۆۋەتتە خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى سادالارنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ