19-، 20-ئۆكتەبىر كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زېيست شەھىرىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرلىك خەلق ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر زىيارەتكە كەلدى.
يەرمەنكىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، يەرلىك خەلقلەردىن باشقا، ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتتىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ زىيارەت قىلغىلى كەلگەن.
ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىگە تۈرلۈك ئۇيغۇر تائاملىرى، كىيىم-كېچەكلەر، ئۇيغۇرچە كىتابلار، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىقلار قويۇلغان. زىيارەت قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرەر يېزا-بازارغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. زىيارەتكە كەلگەن يەرلىك خەلق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەگكەن.
مەزكۇر يەرمەنكە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆزئارا تونۇشۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چەت ئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى يەرمەنكە ھەققىدە ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 2014-يىل باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىلدە ئىككى قېتىم تەشكىللىنىپ كەلگەن. يەرمەنكىگە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك بۇيۇملار قويۇلغان. ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، مەزكۇر يەرمەنكىگە قاتنىشىش گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، يەرمەنكە يەنە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمانلار، ھەتتا يەرلىك خەلقلەر كېلىپ زىيارەت قىلىدىغان قىزىق بازارغا ئايلانغان. گوللاندىيەگە يېقىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۇغقان يوقلاش ئىشلىرىنى يەرمەنكە تەشكىللەنگەن مەزگىلىگە ئۇدۇللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغقان يوقلاشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ