پاكىستاندىكى كەنت ئاھالىلىرى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى كۆمۈر قېزىش قاتارلىق بىر قىسىم تۈرلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان سىند ئۆلكىسىنىڭ تارپاركېر رايونىدىكى يۈزلىگەن كەنت ئاھالىسى يىغىلىپ، خىتاي مەبلەغ سالغان تار كۆمۈر تۈرى ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر تۈر رايوندىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ۋە ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، خەلق نارازىلىق نامايىشتا بۇ تۈرلەرنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
21-ئۆكتەبىر تار كۆمۈر تۈرىنىڭ 1- ۋە 2-نومۇرلۇق رايونىدىكى 10 نەچچە يېزىدىن كەلگەن ئاھالىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، تارپاركارنىڭ قۇملۇق رايونىدا كان ئېچىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە سىستېمىلىق زۇلۇم قىلىشغا، ئېزىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى يۈزلىگەن كەنت ئاھالىسى يەنە ئىسلامكوتقا يىغىلىپ، بۇ رايوندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەر خىل تۈرلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ سالغان تار كۆمۈر تۈرى، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سول قىرغاقتىكى سۇ چىقىرىش ئېغىزىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتارلىقلار بار ئىكەن. نامايىشچىلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىشخانىسىغا يېقىن جايدا سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
كەنت ئاھالىلىرى نامايىش جەريانىدا شوئارلىرى ئارقىلىق پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ رەھىمسىزلىكىگە، كانچىلىق پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ كەمچىللىكى، ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر تۈرلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
تارپاركار يەنە تار دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىند ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ رايون بولسىمۇ، ئۆلكە بويىچە تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئەڭ تۆۋەن نامرات رايونلاردىن بىرى ئىكەن.
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ يېقىندا پاكىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ «يېڭىلانغان نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ