ئاقچى ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 04:49 دا ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.19 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.60 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر بولغان.

ئۇندىن باشقا 9-ئۆكتەبىر سائەت 11:34 دە بۈگۈر ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.24 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.07 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن.

20-ئۆكتەبىر سائەت 3:04 دە لوپنۇر ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.81 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.15 گىرادۇس) 3.7 بال يەر تەۋرىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3544 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2024 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق