خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشقا يەنە 650 مىليون يۈەن ئاجراتتى

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش جىنايىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 144 گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى باشلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» مالىيەسىنىڭ 2025-يىلى 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 144 گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى قوللايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي گېئولوگىيە تۈرىدىن 23 ى، مېتال − مېتاللوئىد قېزىلما بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدىن 111 ى، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدىن ئونى بار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر تۈرلەردە دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى زورايتىش قاتارلىق نۇقتىلار تەكىتلەنگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 2025-يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» مالىيەسى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى قوللاشتا نېفىت، تەبىئىي گاز، سىلانېتس گازى، كۆمۈر قاتلىمى گازى، تۆمۈر، مانگان، خىروم، مىس، ئالتۇن قاتارلىق قىس قېزىلما بايلىقلار ۋە ۋولفرام، مولىبدېن قاتارلىق ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدىكەن.

رايون بويىچە قارىغاندا، ئالتاي تېغى ئەتراپىغا 16 تۈر، قۇرۇم تېغى ـ ئالتۇنتاغ ئەتراپىغا 60 تۈر، تارىم ئويمانلىقى ۋە ئەتراپىغا 27 تۈر، تەڭرى تېغى ئەتراپىغا 29 تۈر، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە ئەتراپىغا 12 تۈر تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۈر سانى 87 بولۇپ، ئومۇمىي تۈر سانىنىڭ %60 ىدىن ئاشقان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ تۈرلەرگە خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدە قوزغىتىلغان. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش تاماملىنىدىغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دالىدا قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تېخنىكا تەييارلىقى خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، خىتاينىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما 153 خىل، ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىل بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىق زاپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاي بايلىقنىڭ %88 ى ۋە %63 ىنى ئىگىلەيدىكەن. 77 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلىرىنى قېزىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنچە كۆپ تەبىئىي بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تالان–تاراجنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 84 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2024 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق