ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا چارلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا تالاش-تارتىشى كۈچەيگەن، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان بىر مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ چېگرا چارلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، تۆت يىل داۋاملاشقان ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئاخىر ھىمالايا تېغىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىنى چارلاش ۋە تەكشۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

خەۋەردە بۇ كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىۋاتقان چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم قەدىمى ئىكەنلىكى، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە جىددىيچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر نەچچە قېتىم توقۇنۇش رايونىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدەك نورماللاشمىغان. تۆت يىل ئىلگىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 21 قېتىم سۆھبەتلەشكەن، ئەمما ۋەزىيەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى گالۋان ۋادىسى توقۇنۇشى شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىدا ھىمالايا تېغىدىن ئۆتىدىغان «ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بەيگىسى»نى قوزغىغان بولۇپ، گالۋان توقۇنۇشىدىن بۇيان، خىتاي 3488 كىلومېتىرلىق ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت تەرىپىدە قۇرۇلۇشنى تېزلەتكەن ۋە ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى ئەتراپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

بۇلتۇرقى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستان لاداخ رايونىغا تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا رايونلىرىنى قوغداشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئەسكەرلەرنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن. چېگراغا يېڭى قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تاشيول، تونېل، گازارما ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتقان. ھىندىستاننىڭ بۇ خىل تەييارلىقلىرىنىڭ خىتاينى ھەمكارلىققا مەجبۇرلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2024 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق