ئون نەچچە دۆلەت شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى

بىر تۈركۈم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى 22- ئۆكتەبىر خىتاينى قالايمىقان قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، باھالىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

ئاۋسترالىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جامېس لارسېن ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق 15 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنىڭ ئەندىشىلەرنى تۈگىتىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە بېرىپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى باھالىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى لارسېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر قانچە ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق قىلمىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

لارسېن يەنە خىتاينى ئەيىبلەپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يوللۇق ئەندىشىسىنى ئەھمىيەتلىك تەرىقىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايغا كۆپ قېتىم پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇنىڭ ئەكسىچە 7-ئايدىكى قەرەللىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باھاسىنى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز، دېدى» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ئەلچىسى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇرۇنقىدەكلا بىلجىرلاپ، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنى مەجبۇرلاپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدۇرغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2024 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق