ئامېرىكا گېنېرالى: فىلىپپىنغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم

ئامېرىكىلىق بىر گېنېرال ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىنغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدا تۇرۇشلۇق 25-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى مايور گېنېرال ماركۇس ئېۋانس 21-ئۆكتەبىردىكى سۆزىدە: «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا فىلىپپىننىڭ شىمالىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئەسكەرلىرى بىرلىكتە مەشىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئارال مۇھىتىدا بۇ خىل ئېغىر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان توقۇنۇشقا، خۇسۇسەن تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىشى ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئىتتىپاقنى كۈچەيتكەن. فىلىپپىنمۇ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ كۈنسېرى داۋالغۇپ تۇرغان جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن بولغان تالاش-تارتىش كۈچىيىشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قوشۇمچە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ يىل 4-ئايدا ئورۇنلاشتۇرغان تەيفېڭ بورىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئالاھىدە سەزگۈر قارىغان. بۇ قورال قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ سىستېما بىلەن ئۆلچەملىك 6-نومۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە جەڭ پالتىسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگىلى بولىدىكەن.

ھەربىي ئەمەلدار ماركۇس ئېۋانس باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكا-فىلىپپىن بىرلەشمە جەڭ مەشىقىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ بىزنى مەزكۇر قورال سىستېمىسىنى سىناق قىلىش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ رايوندىكى رىقابەت مۇھىتى باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىچە» دېگەن. ئۇ يەنە بۇلتۇر مەزكۇر رايونغا يىراق مۇساپىلىك ئوت كۈچى بولغان ھىمارس كاتيۇشا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 265 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق