ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بولغان سودا چەكلىمىسى ئاسىيا ئەللىرىگە تەسىر قىلغان

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قاراتقان سودا چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان سودا چەكلىمىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى چەكلەنگەن.

ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ رايوننىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان ئېكسپورتىنى قايتا جانلاندۇرغانلىقىنى، ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئارىدا قىستاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى 2022-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا جەمئىي 3 مىليارد 560 مىليون دوللارلىق ئىمپورت مالنى تۇتۇپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدەتەخمىنەن %86 ى، يەنى قىممىتى ئۈچ مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان ئىمپورت ماللار مالايشىيا، تايلاند ۋە ۋىيېتنامدىن كەلگەن بولۇپ، پەقەت 395 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ماللار بىۋاسىتە خىتايدىن كەلگەن.

ئالاقىدار قانۇندا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان دەپ قارىلىپ، ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەنىدى. گەرچە نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئىمپورت قىلغۇچىلار چوقۇم مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما بۇ جەرياندا تىجارەتچىلەرنىڭ بىر نەچچە ئاي كۈتۈشىگە توغرا كېلىدىكەن.

خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى» شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەھسۇلات مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن خەلقئارادىكى ئاليۇمىننىڭ %12ى، قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى، خىتاي ئىشلەپچىقارغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ %90 ىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 269 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق