خىتاي ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستاندا «زىيارەت» قىلدۇردى

خىتاي ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 18-ئۆكتەبىر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن بىر ئۆمەكنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى «زىيارەت» قىلدۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 18-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.

ما شىڭرۈي كۆرۈشۈشتە بىلجىرلاپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردۇق» دېگەن.

ما شىڭرۈي يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنى ئەيىبلەپ: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر ئىنسان ھەقلىرىنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان سۆزنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يەككە تەرەپلىك جازانى يولغا قويدى، بۇ ماھىيەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز تارتىۋالغانلىق» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي خەۋىرىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز سۈپىتى ئۆسۈپ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىم شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمىز» دېگەندەك خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئال ۋەزىيىتى شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا. خىتاي بۇ جەرياندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەندى، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ناملار بىلەن چەت ئەل ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا سەھنە، مەيدانلارنى «زىيارەت» قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 295 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق