خىتاينىڭ بېرمىدىكى كونسۇلخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

بېرمىنىڭ چوڭ شەھىرى ماندالايدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا كونسۇلخانىنىڭ ئۆگزىسى بۇزۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئۆكتەبىر ماندالاي شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەمما ئەلچىخانا ئەسلىھەلىرى ئازراق بۇزۇلغاندىن سىرت، ھېچكىم يارىلانمىغان.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم ئالدىنقى جۈمە چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، تېخىچە ھېچقانداق تەشكىلات پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

بېرمىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قول بومبىسىنىڭ خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشكەنلىكىنى، كېيىن كونسۇلخانا ئەتراپىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى شەنبە كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدىكى كاھىشلارنىڭ پارتلاشتا بۇزۇلغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ماندالايدىكى باش كونسۇلخانىسى بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەرلىك ئاھالە بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا پارتلاشتىن كېيىن كونسۇلخانا ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ۋە كونسۇلخانىغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 380 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 10:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق