يېڭى زېللاندىيە خىتاينىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى

يېڭى زېللاندىيە خىتاينىڭ ئىچكى ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، يېڭى زېللاندىيە زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىدە خىتاي بايرىقى لەپىلدەيدىغان ۋەزىيەتكە بارا-بارا يول قويمايدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېللاندىيە «بەش كۆز ئىتتىپاقى» ئىچىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرغان. يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئايدا تۆتىنچى پەسىللىك ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ پىلان ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قانۇن تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كەلگۈسى ئۈچ ئاي ئىچىدە پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بولۇپ، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى پائۇل گولدسىمس تاراتقۇلارغا چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېڭى زېللاندىيەنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلى بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، «بۇ پىلان سەۋەبلىك خىتايغا قارشى دولقۇن كۈچىيىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىققان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى قىزىل سىزىق بەلگىلەشنى پىلانلاش سەۋەبلىك، يېڭى زېللاندىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يېڭىدىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 398 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 09:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق