كانادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى كۈچەيتمەكچى

كانادا يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا ئىمپورت چەكلىمىسى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر-تەلەپلەر ھەققىدە ئىزدەنمەكتىكەن.

بازار نازارىتى تورىنىڭ 17-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە قانۇن تۇرغۇزۇش گۇرۇپپىسى كانادا ۋە مېكسىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا ئىجرا قىلىۋاتقان، خىتاي شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقارغان پاختا ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى زاپچاسلىرىنىڭ ئىمپورتنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش 2022-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ تەدبىر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ كەلگەن. خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلمەكتە.

كانادا سودا مىنىستىرى ۋۇ فېڭيى بۇ مەسلىھەتلەرنىڭ ئوتتاۋا، ۋاشىنگتون ۋە مېكسىكا شەھىرىدىكى قىسمەن ئەمەلدارلار ئارىسىدا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مەزكۇر ئۈچ دۆلەت 2026-يىلى يېڭىلايدىغان سودا شەرتنامىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھارىس ۋە سابىق پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ سودا كېلىشىمىگە قايتا قاراپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا سودا شەرتنامىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ماددىسىمۇ بار ئىكەن. كانادا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلاش ۋە ئىز قوغلاشنى كۈچەيتىدىغان يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىمپورت چەكلىمىسىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 330 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 09:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق