تىبەتنىڭ ھىندىستانغا نىسبەتەن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى

ھىندىستاندىكى تىبەتكە ياردەم بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار تىبەت ھەققىدە پائالىيەت تەشكىللەپ، تىبەتنىڭ ھىندىستانغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

15-ئۆكتەبىر ھىندىستان-تىبەت ئالاقە ئىشخانىسى ۋە ھىندىستاننىڭ تىبەتنى قوللاش يادرولۇق گۇرۇپپىسى ھىندىستاننىڭ ناگپۇردىكى تىبەتنى قوللايدىغان يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتتە تىبەت مەسىلىسى يەرلىك خەلققە تەشۋىق قىلىنغان.

پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «تىبەتنى قۇتقۇزۇش، ھىندىستاننى قۇتقۇزۇش: نېمە ئۈچۈن تىبەت ھىندىستانغا نىسبەتەن مۇھىم» بولۇپ، تەشكىللىگۈچىلەر تارقاتقان تەشۋىقات ۋارىقىدا ھىندىستاننىڭ نېمە ئۈچۈن تىبەت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.

ھىندىستان-تىبەت ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى جاشى دېچىڭ پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، تىبەت خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ۋە قەيسەرلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ھىندىستان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھىندىستان بىلەن تىبەتنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئالاقىسى بارلىقىنى، تىبەتنىڭ ھىندىستانغا نىسبەتەن جۇغراپىيە ۋە مۇھىت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. جاشى دېچىڭ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلىشىپ، تىبەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 321 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2024 09:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق