خىتايغا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن جاسۇس گۇماندارلىرى ئەيىبلەندى

شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىغا يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان يەتتە جىنايەت گۇماندارى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى تەييارلىغان ئەيىبنامىدە، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئەگەر خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەن تەقدىردە، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا زەرەر يەتكۈزۈش، ​​لاگېرغا قاماش توغرىسىدا تەھدىت سالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەيىبنامىدە خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭمۇ بۇ گۇماندارلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى بېرىش ۋە ئۇ يەردىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتى ئىجرا قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەيىبنامىدە جاۋابكارلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا ئاسانلا سىڭىپ كىرىش شارائىتى ھازىرلانغانلىقى، جاۋابكارلارنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرىنى، ئۇچۇرلىرىنى، ھۆججەتلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبىسىنىڭ جاۋابكارلار ھەققىدە تەييارلىغان ئەيىبنامىسىدە جاۋابكارلاردىن سادىق مەتئەزىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكى، خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ۋە بۇ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن خوڭكوڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئەيىبنامىدە قەيت قىلىنىشىچە، جاۋابكار سادىق مەمەتئەزىز تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئادرېسى ۋە ئەزالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە سىنلارنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىغا يەتكۈزگەن.

ئەيىبنامىدە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئېرىشكەن ئۇچۇرلار بەدىلىگە جاسۇسلارغا ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى ئارقىلىق پۇل بەرگەن. خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى جاۋابكار سادىق مەمەتئەزىزغا بېيجىڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇچرىشىشلاردا 22 مىڭ دوللار بەرگەنلىكى، مەزكۇر جاۋابكار يەنە باشقا جاۋابكاردىن ھەبىبۇللا ئۈ، ھاشىم س، سەمەت ئا، قارى ي ئارقىلىق جەمئىي 110 مىڭ 910 دوللار ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەيىبنامىدە جاۋابكار سادىق مەمەتئەزىزنىڭ يانفونىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننى ئاساس قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنىڭ بارلىقى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى ئەمەلدارلىرىغا يوللانغانلىقى ئېنىقلانغان. جاۋابكارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن Viber، ئۈندىدار، تېلېگرامما ۋە سىگنال قاتارلىق ئەپلەر ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

ئەيىبنامىدە جاۋابكار سادىق مەمەتئەزىزنىڭ باياناتىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۈندىدار ئىشلىتىپ، ئۆزى بىلگەن خىتاي ئىستىخبارات خادىمى ئالىمجان بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەيىبنامىدە خاتىرىلىنىشىچە، جاۋابكار سادىق مەمەتئەزىز ئالىمجان ئىسىملىك ​​كىشىنى 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ يۇرتى قاغىلىقتىكى خىتاي ساقچىسى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، جاۋابكار 2021-يىلى ئالىمجاننىڭ ئۆزىنى تۈركىيەدىن خىتايغا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

سادىق مەمەتئەزىزنىڭ بايانىدا ئۆزىنىڭ نېمىشقا يۇرتىغا بارغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا يۇرتىغا بارمىسا ئائىلىسىدىكىلەرگە زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىنغانلىقى، نەتىجىدە خوڭكوڭغا كىرگەن ھامان تۇتقۇن قىلىنىپ، يۇرتى قاغىلىققا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، قاغىلىقتا 15 كۈن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى نەقىل ئېلىنغان.

ئالىمجان ۋە لې فامىلىلىك خىتاي 15 كۈندىن كېيىن جاۋابكار سادىق مەمەتئەزىز بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، ئەيىبنامىدە جاۋابكارنىڭ بايانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان: « ئالىمجان ماڭا: خىتاي ئىنتايىن چوڭ دۆلەت، ئەگەر بىزگە ئىشلىسەڭ قۇتۇلىسەن، بولمىسا بىز سېنى ۋە سەن ياخشى كۆرىدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىنى يوقىتىمىز، دېدى. ئۇ ماڭا تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسام، مەن يەنە تۈركىيەگە بارالايدىغانلىقىمنى ۋە قاغىلىقتا قالغان تۇغقانلىرىمغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئالىمجاندىن ماڭا قىلدۇرماقچى بولغان ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا: تۈركىيەگە بارىسەن، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى بىزگە يەتكۈزىسەن، دېدى. مەن ئۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلدىم. ئاندىن ئۇلار مېنى بېيجىڭغا ئېلىپ باردى. ئۇلار ماڭا خىتايدا يېڭىدىن پاسپورت بېجىرىپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ يەتتە مىڭ دوللار بەردى. ئالىمجاننىڭ تەھدىتىدىن كېيىن، 2023-يىلى 8-ئايغا قەدەر خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگىنىدا ئىشلىدىم ھەمدە ئالىمجان مەندىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت، يىغىنلارغا قاتنىشىپ، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇنىڭغا: مەن تۈركىيەدە نەچچە يىل تۇردۇم، مەن ھازىرغىچە بۇ يىغىن ۋە تەشكىلاتلارغا قاتناشمىدىم، ئەمدىلىكتە بۇ يىغىنلارغا قاتناشسام ئۇلار مېنىڭ ئۇچۇر توپلاۋاتقانلىقىمنى بىلىۋالىدۇ، دېدىم. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى قوبۇل قىلدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدىن خەۋەر ئەۋەتكىن، دېدى. شۇنداق قىلىپ، مەن ھەر 15-10 كۈندە بىر قېتىم ئالىمجانغا ئۇچۇر يوللىدىم».

ئەيىبنامىدە خىتاي جاۋابكارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە بالىلىرىغا زەرەر يەتكۈزۈش ھەققىدە تەھدىت سېلىنغانلىقى سەۋەبلىك، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەيىبنامىدە جاۋابكارلاردىن سادىق مەمەتئەزىز، ئابدۇللا ناسىر، ھاشىم سابىتئوغلى، ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى، قارى ئىلياس، نۇرەخمەت ئۆ. ھەمدە سەمەت ئا قاتارلىقلارنىڭ «سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق قىلىش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش» جىنايىتىگە 18 يىل 10 ئايدىن 25 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1735 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2024 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق