ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە توشۇيدىغان خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا 17-ئۆكتەبىر رۇسىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلغان ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى لايىھەلەش، ياساش ۋە توشۇشتا رول ئالغان خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلار بولسا شيامېن لىنباخې ئاۋىياتسىيە ماتورى چەكلىك شىركىتى ۋە خۇڭتۇ ۋېكتور سانائىتى شېنجېن چەكلىك شىركىتى ۋە شۇنداقلا رۇسىيە شىركىتى TSK Vektor ۋە ئۇنىڭ دىرېكتورى ئارتېم مىخايلوۋىچ مشچىكوف ئىكەن.

بىر ھۆكۈمەت ئالىي ئەمەلدارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى رۇسىيەنىڭ گارپىيا يۈرۈشلۈك يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، بىۋاسىتە رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، گارپىيا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى خىتاي تەرىپىدىن رۇسىيە مۇداپىئە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ لايىھەلەنگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، رۇسىيە بۇ قورالنى ئىشلىتىپ ئۇكرائىنانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە زەخىملىنىشىگە سەۋەب بولغان.

ئامېرىكا ئالىي ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئىلگىرى خىتاينى بۇ خىل ھەمكارلىق تورى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق تۈرلەردىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپنى ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1527 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2024 10:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق