ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىمپورتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركىتى DJI نىڭ بىر قىسىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى DJI 16-ئۆكتەبىر رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ DJI نىڭ بىر قىسىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان بىر مەكتۇپقا ئاساسلانغاندا، DJI شىركىتى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىر قىسىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان DJI شىركىتى ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. DJI رويتېرس ئاگېنتلىقىغا تاموژنىنىڭ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

DJI ھەققىدىكى مەكتۇپتا بۇ ھەرىكەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ خىتايدا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى نىشان قىلغان تېخىمۇ كەڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. DJI شىركىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما قانۇن ئۇلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز ماللارنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي شىركىتى DJI ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات يوللاش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئەندىشىلىرىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1430 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2024 10:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق