خىتاينىڭ تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدا ئولتۇراق رايون قۇرۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدا كەڭ كۆلەملىك ئولتۇراق رايون قۇرۇشى ھىندىستان ئارمىيەسى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تىبەت ئاۋازىنىڭ 15-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە خىتاينىڭ تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدىكى پانگۇڭ كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېقىن جايدا چوڭ ئولتۇراق رايون سالغانلىقى ئاشكارىلانغان. ھىندىستان تاراتقۇلىرى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر بۇ ئولتۇراق رايون ھەربىي ئىشلار مەقسىتىدە ئىشلىتىلىپ قالسا، ۋاقىتلىق ئالغا ئىلگىرىلەش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 2020-يىلىدىكى قارشىلىشىش نۇقتىسىغا يېقىن جايدا نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى چېگرا بىخەتەرلىكىگە بولغان يېڭى ئەندىشىنى قوزغايدىكەن.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى شىركىتى Maxar Technologies 9-ئۆكتەبىر تارتقان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى تىبەتكە تەۋە پانگۇڭ ئەتراپىدىكى 17 گېكتار يەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋە قېزىش ماشىنىلىرى بىلەن تولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا تۇرالغۇ ۋە چوڭ مەمۇرىي بىنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق بىنا سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇق يەر ۋە تۈز يەرلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. بۇ يەرنى كەلگۈسىدە باغچە ياكى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. بۇ رايوننىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى 150 مېتىرلىق تىك تۆت بۇلۇڭلۇق يەرنىڭ تىك ئۇچارنىڭ قونۇش-ئۇچۇشى ئۈچۈن سېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدا پانگۇڭ كۆلى بويىدا ئولتۇراق رايون قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى بۇ رايوندا ھېچقانداق قۇرۇلۇش يوق ئىكەن. ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاي بۇ ئولتۇراق رايوننى مەمۇرىي رايون ۋە مەشغۇلات رايونى دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىغان، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭ بىنا بەلكىم مەمۇرىي ۋە ئەسلىھە ساقلايدىغان ئورۇن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1417 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2024 09:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق