چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: خىتاي كومپارتىيەسىگە ئورتاق بېسىم قىلىش كېرەك

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئاۋازىنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ بىمەنە دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلىككە كېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە بېسىم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەركىزى پارىژغا جايلاشقان ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ئورگىنى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەيبېيدە ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرغان بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ قۇرۇلغىنىغا سەككىز يىل بولغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپ سىباۋۇت بىرۇتتىن 16-ئۆكتەبىر زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ تەيۋەنگە كېلىپ، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بىلەن كۆرۈشكەن.

بىرۇتىن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە باشقا چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇرغا ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى لەي چىڭدېنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. كۆرۈشۈشتە لەي چىڭدې تەيۋەننىڭ دېموكراتىك مۇداپىئەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن.

تەيۋەن پىرىزدېنت مەھكىمىسى تارقاتقان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، لەي چىڭدې بىرۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاسىيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لەي چىڭدېنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل تەيۋەن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى»دە ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، دۇنيا رەت تەرتىپىمۇ 27-ئورۇنغا چىققان. بولۇپمۇ خەلقئارالىق تاراتقۇلار تەيۋەنگە كەلگەندە، ئۇلارغا بېرىلىدىغان نومۇرنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. تەيۋەننىڭ ئاسىيا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ مەركىزى بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئاسىيادا پۇت تىرەپ تۇرۇش مەركىزى ئىكەن.

بىرۇتىن سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە دۇنيا جامائىتى بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1367 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2024 09:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق