ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە سۈنئىي ئىدراك ئۆزىكى ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان Nvidia قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكىگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشنى پىلانلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا يەرشارى سۈنئىي ئىدراك تەرەققىياتىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئويلاشقان ئاساستا، كونكرېت دۆلەتلەرگە ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى چىڭىتىشنى پىلانلىغان. بۇ سەۋەبلىك سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرىنىڭ پاي باھاسى چۈشۈپ كەتكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «بىلۇمبېرگ»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ Nvidia ۋە AMD قاتارلىق ئاساسلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرىگە ئېكسپورت چەكلىمىسى بېكىتىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، سۈنئىي ئىدراكنى بەزى دۆلەتلەرگە سېتىشنى چەكلەشنى نىشان قىلغان. ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئىدراك سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، كۈچلۈك ئىقتىسادىي قوللاشقا ئېرىشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يېڭى سىياسەت يەر شارى سۈنئىي ئىدراك تەرەققىياتىغا بولغان نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ چىڭىتىدىكەن، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئويلاشقان ئاساستا، دەسلەپكى ئېكسپورت چەكلىمىسى ئاساسلىقى خىتايغا قارىتىلغان، ئەمما بۇ ھەرىكەت نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىشى مۇمكىن ئىكەن. 

بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇلاھىزىلەر تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، ئاخىرقى قارار تېخىچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان، شۇنداقلا ئېنىقسىزلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەتراپلىق يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش مەسىلىسى خىرىسىغا دۇچ كېلىشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

دەرۋەقە بۇ سىياسەت كەسىپ ساھەسىدىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۈچ چوڭ ئۆزەك ماگناتى - ئىنتېل، Nvidia ۋە كۇۋالكومنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئېكسپورت چەكلىمىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىدىكى رەھبەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. 

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، Nvidia نىڭ پاي باھاسى %4.4 تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى سودا سوممىسىغا نىسبەتەن تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىن چۈشۈپ كەتكەن. AMD، ئىنتېل، ARM، Broadcom ۋە Micron قاتارلىق باشقا ئۆزەك شىركەتلىرىنىڭ پېيى %2.3 تىن %6.2 گىچە تۆۋەنلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1496 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2024 20:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق