ما شىڭرۈي دۇنيا تاراتقۇلار مەسئۇللىرىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيتىگە پۈتۈنلەي زىت يالغان-ياۋىداقلار بىلەن، دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا كەلگەن چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ئاينىڭ 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خىتاي ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈش جەريانىدا تاس ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى ئاندىرى كوندراشوف، ئەلجەزىرە تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى مۇستاپا سۇۋاگ، جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋىلسون سۇبولامونې، مالايشىيا دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رەئىسى خۇاڭ جېنۋېي، بىرازىلىيە سان پاۋلو يېباۋ گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى مارسېلو بېنېس، نىگېرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلى ئەلى، قىرغىزىستان كابال دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مېيجېربېك شېرمېتالىيېف ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلغان.

ما شىڭرۈي كۆرۈشۈش جەريانىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى بۇرمىلانغان ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، خەلق رايىغا ماسلاشقان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن: «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر ئىرقىي يوقىتىش قىلدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى قاتارلىق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى» دەپ جار سالغان.

ھالبۇكى؛ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆز بويىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1606 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2024 20:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق