سىرلىق شەخس يەھيا سىنۋار كىم؟

ياشلىق دەۋرى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ئۆتكەن يەھيا سىنۋار ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موسادنىڭ ئۆلۈم تىزىملىكىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس بولۇپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى قەسسام بېرىگادىسى بىلەن ھاماس ئارىسىدا ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا كۈچلۈك قىساسكار روھ، يېتەكلەش ئىقتىدار بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياھۇ تەرىپىدىن «مېڭىپ يۈرگەن ئۆلۈك» ۋە «قانخور جاللات» دەپ ئاتالغان. ھاماسنىڭ غەززە مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ مۇھىم شەخسنىڭ ھازىرغىچە نەدە ئىكەنلىكى ھېچكىم بىلمەي كەلگەن بولۇپ، مانا بۇ ھاماسنىڭ غەززە ئىشلىرى مەسئۇلى يەھيا سىنۋار ئىدى.

ئۇ 1962-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئۆز ۋەتىنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس مۇساپىرلار لاگېرىدا مۇساپىرلىق ھالىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان بولۇپ، ۋەتىنىدىن قوغلانغان غەززەلىكلەرنىڭ سۈرگۈن جايى بولغان مۇساپىرلار لاگېرلىرى غەززەلىكلەر ئۈچۈن بىر جىھادى روھ ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولغانىدى. ئۇ مەزگىللەردە پەلەستىن خەلقى زۇلمەت ئىچىدە قالغان بولۇپ، يەھيا سىنۋار ئۇ يەردە قاتتىق زۇلۇمنى، رەھىمسىز ئىشغالىيەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەمدە ئۇ يەردە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۆگەنگەنىدى.

ئۇ ياشلىق دەۋرىدە پەلەستىن قاتتىق زۇلمەتتە قالغان بولۇپ، يەھيا سىنۋارنىڭ ئائىلىسى ئاشقەلۇنغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆسمۈرلۈك كۈنلىرى سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز ۋەتىنىدە ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ھاياتى سۈرگۈندە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ھەر دائىم مۇساپىرلار لاگېرىدا پەلەستىن بالىلىرى بىلەن بىرگە «شېھىتلىك ئويۇنى» ئوينايتتى. يەھيا سىنۋار ئىنتىقام ساۋۇتىنى پەلەستىنلىك بالىلار بىلەن ئوينىغان ئويۇنلاردىن باشلاپ كىيگەن بولۇپ، قورامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ ئىنتىقام ساۋۇتىنى ھېچقاچان سېلىۋەتمىگەن. ئۇ پەلەستىنلىك بالىلاردەك لاگېردا ئىسرائىلىيەگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، شېھىتنىڭ جىنازا نامازلىرىنى چۈشۈرگىنىنى كۆرۈپ ۋە غەززە خەلقىنىڭ شېھىتلەرگە بېرىلگەن ئىنتىقام ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. لاگېردىكى قوشنىسى مۇھەممەد دېيىف بولۇپ، يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تەقدىر ئۇلارنى ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم قىلغانىدى.

يەھيا سىنۋار باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى مەكتەپلەردە تاماملىغان. ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېتنى غەززە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە پەلەستىننىڭ ئازادلىق يولى پەقەت قوراللىق ھەرىكەت بىلەن ئىشقا ئاشاتتى. ھاماس ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى 1987-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىنلا يەھيا سىنۋار تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.

يەھيا سىنۋار ياشلىق دەۋرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇنى تۇنجى قېتىم 1982-يىلى «بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى» دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. تۇنجى قېتىملىق تۇتقۇن قىلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما شۇ يىلى يەنە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئالتە ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىسرائىلىيە سىنۋارنى 1988-يىلى 20-يانۋار يەنە تۇتقۇن قىلىپ 426 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن كېيىن، 1989-يىلى 18-ماي ئىسرائىلىيە ھاماس ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى شەيخ ئەھمەد ياسىننىمۇ تۇتقۇن قىلغان. بۇ ئىككى مەشھۇر شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى تۈرمىدە ئۆتكەن مەھبۇسلۇق ھاياتىدا تېخىمۇ كۈچەيگەن.

يەھيا سىنۋار تۈرمىدە «تىكەن ۋە قىزىلگۈل» ئىسىملىك بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتابتا پەلەستىنلىكلەر ئۇچرىغان ئېغىر زۇلۇملار بايان قىلىنغان. ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۈرمە ھاياتىدا ئىبرانىي تىلىدىكى گېزىتلەرنى ئوقۇپ، ئىسرائىلنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كۈنتەرتىپىنى ناھايىتى ياخشى كۆزەتكەن. جازا مۇددىتىنىڭ توشۇش ۋاقتىغا 15 يىل قالغاندا بىر ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن زىيارەتتە مۇكەممەل ئىبرانىي تىلىنى ئىشلەتكەن.

ئۇ ئىبرانىي تىلىنى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆگىنىپ، ئىسرائىلىيەدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلالايتتى. ئىبرانىيچىنى خۇددى ئىسرائىلنىڭ كاللىسىنى ئوقۇيالايدىغاندەك سەۋىيەدە بىلەتتى. زىيونىزم ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئەسلى مەنبەدىن ئوقۇپ، زىيونىزمغا دائىر چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇراتتى. بېگىن، رابىن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەمەلدارلىرى ھەققىدىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇنى: «ئىبرانىي تىلىنى پىششىق سۆزلەيدۇ، ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن.

يەھيا سىنۋار 24 يىلىنى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بىلەن 2011-يىلى 11-ئۆكتەبىر ھاماس تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئىسرائىلىيەگە بېرىش بەدىلىگە ئۇنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.

2004-يىلى 22-مارت ھاماس رەھبىرى ئەھمەد ياسىن ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان. ئەھمەد ياسىن بامدات ناماز ۋاقتىدا، ناماز ئوقۇپ قايتىۋاتقان بىر پەيتتە بىر ئىسرائىلىيە تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئەھمەد ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئىككى قوغدىغۇچىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان. ئەھمەد ياسىن ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن قوشۇپ ئەتراپتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان توققۇز كىشى بىلەن بىرگە نەق مەيدانىدا شېھىت بولغان. بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ باشقا رەھبەرلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇم ۋە شېھىت خەۋەرلىرى يەھيا سىنۋار قاتارلىق يېڭى رەھبەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

سىنۋار ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 2012-يىلى ھاماسنىڭ ئىچكى سايلامغا قاتنىشىپ، ھەرىكەتنىڭ سىياسىي بىيۇروسىغا ئەزا بولغان. شۇندىن باشلاپ ھاماسنىڭ ھەربىي شۆبىسى بولغان قەسسام بېرىگادىسىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ سىياسىي ساھەدە تەجرىبىلىك بولۇپ، پەلەستىن بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى خالايتتى. ئۇ باياناتلىرىدا: «بىز ئۇرۇش خالىمايمىز. خەلقىمىز نەپەس ئالماقچى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇرۇشتىنمۇ قورقمايمىز» دېگەن.

ئىسرائىلىيە 10-قانىلى سىنۋارنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرگە خانيۇنۇستىكى تونېللاردىن بىرىدە ئىكەنلىكىنى، ئورنى بايقالغاندىن كېيىن شەھەردىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى سىننى تارقاتقان. ھاماس رەھبىرىنىڭ شەخسىي ھاياتىنى ئاخباراتتىن يىراق ۋە مەخپىي تۇتۇش يولىنى تۇتقانلىقى سەۋەبلىك، سىنۋار ئائىلىسى ھەققىدە ئانچە كۆپ ئۇچۇر يوق ئىكەن.

يەھيا سىنۋار غەززە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي ئىلىم ساھەسىدە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان سامار مۇھەممەد ئەبۇ زامار ئىسىملىك قىز بىلەن توي قىلغان. بۇ نىكاھتىن بىر ئوغلى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇنى تونۇيدىغانلار سىنۋارنىڭ ئاز سۆزلەيدىغان، تېز ئاچچىقلىنىدىغان، ئىرادىلىك ۋە ئەقىللىق مۇجاھىد ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

سىنۋار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ھاماس ۋە قەسسام ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئانچە بىلىنمىگەن بىر شەخس بولۇپ، بۇ ئۇنى ھاماس ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك قىلغان. ئۇ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە قوغداشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، بىۋاسىتە باياناتلارنى بېرىشتىن ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن مۇمكىنقەدەر قاچۇرغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھاماس ئىچىدە يۈكسىلىشىگە سەۋەب بولغان.

بىر زىيارەتتە مۇخبىرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى سوئالىغا ئىبرانىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: «تېل ئاۋىۋنىڭ 200 دانە يادرو ئۇق بېشى بارلىقىنى بىلىمىز. ھاۋا ئارمىيەسىدە ئۈستۈنلۈكى بار ۋە ئۇنى يوق قىلالمايمىز. شۇڭا ئۇزۇن ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايمىز. ئۇرۇش توختىتىشقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا ئىسپاتلايمىز» دېگەن. سىنۋار سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇرۇش توختىتىش تاللىشىنى قوللىشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلگەن.

ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززەگە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ۋەھشىيلىكى بارلىق خەلقئارالىق ۋە ئىنسانىي قانۇنلارنىڭ سىرتىدىكى بىر قەتلىئام بولغان. شۇنداقتىمۇ ئىسرائىلىيە ھازىرغىچە بەلگىلىگەن ھەربىي نىشانلارغا يېتەلمىگەن. سىنۋارنى تونۇيدىغان ۋە ئۇنى 34 يىل بۇرۇن مەھبۇس سۈپىتىدە سوراققا تارتقان رازۋېدچىك شىمبەت: «ھازىرقى بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىلا سىنۋار ئۈچۈن يېتەرلىك بىر غەلىبە بولالايدۇ» دېگەن. ھەتتا ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى ئۇرۇشنىڭ قىسقىرىشى، دەپ جاكارلىغان. ئىسرائىلنىڭ بومباردىمانى بىلەن ئۆيى ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ئۆيىنىڭ خارابىلىرى ئۈستىدە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ غەلىبە جاكارلىغان.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن «ئەقسا بورىنى»نىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن يەھيا سىنۋار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنتىقام ئالاھىدە ئەترەتلىرىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەن. يەھيا سىنۋار گەرچە ئىسرائىلنىڭ ئىنتىقام ئالاھىدە ئەترەتلىرىنىڭ ئۆلۈم تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرسىمۇ، ئۇنى تۇتالمىغان ۋە بۇ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن پەقەت بىر ئىنتىقام ئەمەس، ھايات-مامات مەسىلىسىگە ئايلانغان. ئىسرائىلىيە ئۇنى ھازىرغىچە تۇتالمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

ئۆلىمالار مۇنبىرى تورى 17-ئۆكتەبىر تەزىيەنامە ئېلان قىلغان بولۇپ، تەزىيەدە ھاماس سىياسىي ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن يەھيا سىنۋارنىڭ تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پەيتتە شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تەزىيەدە: «ئۇلۇغ رەھبەر، شېھىد يەھيا سىنۋاردىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇ دىنىي قىممەت قارىشىنى قوغداپ شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىسىگە يېتىش يولىدا ئۆمرى بويى پىداكارلىق قىلغانىدى، ئاللاھ ئاخىرى ئۇنىڭ غايىسىگە يەتكۈزدى» دېيىلگەن.

CNN TÜRK بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە: «ئۇ ئاقسا بورىنى ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىدى» دېيىلگەن ۋە ئۇنىڭ «ئىسرائىلىيە غەززەدىن چېكىنمىگۈچە مۇرەسسە قىلمايمىز» دېگەن سۆزلىرى ئىلاۋە قىلىنغان.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 951 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2024 19:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق