خىتاينىڭ دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» باش تېمىسىدىكى 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 14-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ يىغىننىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، ئىنكار قىلىش ئۈچۈن پايدىلاندى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى» بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئورتاق ئۆتكۈزگەن 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارمىقى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان.

خەۋەردە يىغىنغا تاس ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەلجەزىرە تاراتقۇ گۇرۇھى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، ۋېنگىرىيە ATV گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارادىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ جەم بولۇشىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نوپۇزى، كەسپىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىكەنلىكى، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى مېخانىزمى 2009-يىلى قۇرۇلغان، خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاپپارات ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، مۇھىم يەرشارىۋى تاراتقۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئىكەن. ئۆتكەن بەش نۆۋەتلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭدا ئىككى نۆۋەت، موسكۋا، دوھا، گۇاڭجۇ ۋە كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى»دىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تاراتقۇ كەسپى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرلىكتە پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي بۇ قېتىملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئالاھىدە مەركەزلەشكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى مەسىلىسىدە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ئالداش ئۈچۈن يىغىننى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئېنىق ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا بېرىپ ئۈچ كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت قىلدۇرۇلغان. زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسى»نى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان.

ھالبۇكى؛ خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى، بىر قىسىم خىتايپەرەس شەخسلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالماقتا. ئىچكى تەشۋىقاتىدا بولسا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدا يەنە كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىن، مۇنبەرلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەستەك كۆرۈنۈشنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 897 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2024 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق