خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بېرىشتى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا ۋەدە بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوسوف خىتايدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، 15-ئۆكتەبىر خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا بىلەن كۆرۈشكەن. جاڭ يوۋشيا كۆرۈشۈشتە: «خىتاي رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بىلەن، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋە كېڭەيتىشنى خالايدۇ» دېگەن. خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشۈپ، ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. بۇ ئىتتىپاق غەربنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغان. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى خىتاي بىلەن رۇسىيە «چەكسىز ھەمكارلىق» ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بىرلىكتە بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئىككى تەرەپ سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، جاڭ يوۋشيا بېلوسوف بىلەن كۆرۈشكەندە: «بىز ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ئاندرېي بېلوسوف كۆرۈشۈشتە: «رۇسىيە خىتاي بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقە ساھەسىدىكى شەكىل ۋە مەزمۇننى كېڭەيتىپ ئارقىلىق، يېڭى دەۋردە رۇسىيە-خىتاي ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ» دېگەن.

جاڭ يوۋشيا شى جىنپىڭغا يېقىن شەخس دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئارمىيەسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەمەلدارلارنى تازىلاش دولقۇنىدىن ئامان قالغان. غەرب ۋە ئاسىيا دىپلوماتلىرى جاڭ يوۋشيانىڭ ھوقۇقى چەت ئەل ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرىدىنمۇ كۈچلۈك، دەپ قارايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2024 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق