خىتاي خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يېڭى ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، زور سوممىلىق ئاتالمىش «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات دەپ ئاتىغان ئاتالمىش «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغانلىقى، 8-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى توپلاشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 8-ئۆكتەبىر ئاتالمىش «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش ئىشخانىسى خىتاي يازغۇچىلار تورىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنى توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېيتىلىشىچە، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا تەۋە ئالاھىدە مۇكاپات بولۇپ، باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى چەكلەنمەيدىكەن. رومان، پوۋېست، ھېكايە، نەسر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاي «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەقدىرلەش ئارقىلىق، ئاتالمىش «ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان گۈزەل شىنجاڭ»نى نامايان قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شيۇڭ خۇڭجيۇ ھازىر نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئەسەر قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇناسىپ مۇكاپات تۈرلىرىنى باھالاپ چىقىش پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دەسلەپكى باھالاشتىن ئاخىرقى باھالاشقىچە، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتايدىكى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، لۇ شۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدىن، ئۈچتىن بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستاندىكى يازغۇچىلاردىن تەشكىللىنىدىكەن. تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم باھالاپ چىقىلغان ئەسەر بەشتىن ئاشمايدىكەن. ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرمۇ بەشتىن ئاشمايدىكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر بىر ئەسەر 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن. ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەر بىر ئەسەر 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن. «كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىلەر 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى ئارقىلىق ساختا تەشۋىقات يۈرگۈزۈش قىلمىشى ئىشغالىيەت تارىخى بىلەن تەڭ باشلانغان. خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، غايەت زور خىراجەت ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» نامىدا ساختا تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە. بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، مەتبۇئاتلار، كىنو-فىلىم ساھەسى خىتاينىڭ ئاساسلىق قورالىغا ئايلانماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى سىستېمىلىق ئىجرا قىلماقتا. جۈملىدىن كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرىغا، تۈرمىگە قاماش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، نوپۇس چەكلەش، دىنغا ئالاقىدار بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىش ياكى بۇزۇش، ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانىلارغا ئۆزگەرتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، تىل-يېزىقنى چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، بالىلار لاگېرىدا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە نوپۇزلۇق دوكلاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. خەلق ئىسلامدىن، كىملىكىدىن، تارىخىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈرلۈك ناملار بىلەن ئۆمەك تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا جار سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 114 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2024 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق